خوش خەۋەر! شىنجاڭدا +0

16-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن 24 گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 22 بىمار دوكلات قىلىندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن (گۇاڭدۇڭدا 8، يۈننەندە 4، شاڭخەيدە 3، شەنشىدە 3، سىچۈەندە 2، فۇجيەندە 1، شەندۇڭدا 1)؛ قازا قىلغانلار يوق؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي بىمار 2 بولۇپ، ھەممىسى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن (شاڭخەيدە).

شىنجاڭدا +0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 0~ 24 گىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى)يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمارنىڭ كۆپەيمىگەنلىكى، بىر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەنلىكى؛ 23 بىمارنىڭ يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى؛ ئۈرۈمچىدىن ئىككى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلغانلىقى؛ ئىككى كېسىلى جىددىي بىمارنىڭ ئادەتتىكى بىمارغا، ئۈچ كېسىلى ئېغىر بىمارنىڭ ئادەتتىكى بىمارغا ئۆزگەرگەنلىكىنى دوكلات قىلغان.8-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 24 گىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن جەمئىي 378(كېسىلى جىددىي بىمار يەتتە، كېسىلى ئېغىر بىمار 23)، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 127ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 126، سانجىدا بىر(ئۈرۈمچىدىن كىرگەن)؛ ھازىر جەمئىي 9446 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 0 دىن 8-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 24 گىچە، 448 بىمار يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلغانلار جەمئىي 110.

بۇ بۈگۈن مەن ئاڭلىغان ئەڭ ياخشى خەۋەر! غەيرەت قىل شىنجاڭ!

«ئالتە ئەۋلىيا» ئۈرۈمچىگە ياردەم بەردى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 16-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 30-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش نۇقتىلىق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۆلەت بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھەر قايسى جەڭ مەيدانلىرىدا تاۋلانغان ئېغىر كېسەللەرنىڭ «سەككىز ئەۋلىيا»سى ئىچىدىكى «ئالتە ئەۋلىيا»نى دەرھال ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى.

ئۇلار شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسىدىن چيۇ خەيبو، سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى خۇاشى دوختۇرخانىسىدىن كاڭ يەن، بېيجىڭ شېخې دوختۇرخانىسىدىن دۇ بىن، جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇبېي خەلق دوختۇرخانىسىدىن جېڭ رۈيچياڭ، جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسىدىن گۇەن شياڭدۇڭ ۋە پايتەخت مېدىتسىنا داشۆسى قارمىقىدىكى بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىدىن تۇڭ چاۋخۇي .

△邱海波(左四)、童朝晖(右三)、杜斌(右一)、管向东(左二)、赵蓓蕾(右四)、康焰(左一)、姜利(右二)、郑瑞强(左三)

ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ئۇقتۇرۇش قىلىندى

دۇنيا بويىچە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى!

تىرامپ بىلەن ئۈندىدارنەتىجىنىڭ مۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان

来源:中央广播电视总台

监制:吴新日

审稿:古丽拜克拉木

翻译,责编:米克丽古丽

www.uycnr.com

上一篇:
下一篇: